www.blogger.com دىن ئۆزىڭىزنىڭ ھىساباتىغا كىرىڭ. ۋە ئارقا سەھنىدىن سىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان بلوگنىڭ «ئۇسلۇب» ياكى خەنزۇچە 布局 ياكى ئېنگلىزچە layout تۈرىنى تاللاڭ. چەككەندىن كېيىن تۆت تارماق تۈر ئېچىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىن «Html ئۆزگەرتىش» (修改 HTML / Edit Html) دىگەننى چېكىڭ. بۇ چاغدا كود رايونى ئېچىلىدۇ. بىر نەچچە سېكونتتىن كېيىن بەت يېڭىلانغاندا «ئېچىش (浏览)» دىگەن ئورۇندىن كومپيوتېرغا چۈشۈرگەن ئۇسلۇبنى تاللايسىز.تۆۋەندىكى رەسىمگە دىققەت قىلىڭ.

ئاندىن «قاچىلاش (上传)» نى بېسىپ، بەتنىڭ ئوڭ ئاستى تەرەپتىكى «ئۇسلۇبنى ساقلاش» دىگەن كونۇپكىنى بېسىۋەتسىڭىزلا بولدى.شۇنىڭ بىلەن بلوگگېرنىڭ ئالدى بېتى تولۇق ئۇيغۇرچىلىشىدۇ. رەسىملىك چۈشەندۈرۈشتىكى نومۇر قويۇلغان رەت تەرتىپكە دىققەت قىلىڭ. 1-دىن باشلاپ مەشغۇلات قىلىڭ
دىققەت : بىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئۇسلۇبلارنى بۇندىن كېيىنكى يازمىلاردا تەمىنلەيمىز. بۇ ماقالە پەقەت كېيىن تارقىتىلىدىغان ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلارنى قاچىلاشقا ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن يېزىلدى.
ئاددى خۇلاسە :
1. www.blogger.com دىن بلوگ ئارقا سەھنىسىگە كىرىڭ
2. «ئۇسلۇب ئۆزگەرتىش بېتىگە كىرىڭ»
3. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك كومپيوتېردىكى ئۇسلۇبنى تاللاپ قاچىلاڭ
4. ئۇسلۇبنى ساقلاڭ.
ئاپتور : تەكلىماكان
5 ئىنكاس:
كەچۈرۈڭ،مەن بىر ئوقوتقۇچى،مەكتەپتىكى خىزمىتىممۇ ئاز ئەمەس،ئەمما بىلىك تور بىتىدە سىزنىڭ باشقىلارغا كۆرسەتكەن يولىڭىزنى كۆرۈپ سىزنىڭ كۆرسەتكەن ئەقىلىڭىزدىن تولىمۇ ئىلھاملىنىپ قالغانىدىم.شۇنىڭ بىلەن مەندىمۇ بىر بىلوگ قۇرۇش ئويى توغۇلغانىدى.
يەنى مەنمۇ بىلوگدىن بىرنى قۇرۇپ خاتىرلىرىمدىكى ساقلاپ قويغان ماتىرىياللىرىمنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ پايدىلىنىشىغا سۇنماقچى ئىدىم،ھازىر ئۆزۈمنىڭ قايىسى مەزمۇندا بىلوگ قۇرماقچى ئىكەنلىكىمنى سىزگە ئىيىتماي تۇراي،ئەمما بىلوگ قۇرۇشنى دىمەيلى توربەت ياساش جەھەتتە ئىلىپ ئىيتساقمۇ مەن بىر ساۋاتسىز ھىساپلىنىمەن،99-يىلىدىن باشلاپ كومپىيۇتىر بىلەن ھەپىلەشكىلى تۇرغان بولساممۇ،نۇرغۇنلىغان سەۋەب ۋە ئوقوتقۇچىلىق خىزمىتى(باشلانغۇچ مەكتەپ)نىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزۈمنىڭلا ھاجىتىدىن چىقىپ توربەتكە ئائىت بىلىملەرنى ئۈگىنىشكە سەل قاراپ كەلدىم.دىمسىمۇ ئادەم ھاجىتى چۈشمىگەن ئىش بىلەن شۇغۇللىنالماي قالىدىكەن.ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىزمەت بىسىمىم كۈنسايىن ئىشىپ بىرىۋاتقان بولسىمۇ،يەنىلا بىر ئىرادىگە كىلىپ تور دۇنياسنىڭ مىھمىنىغا ئايلىنىشنى،ئازىراق بولسىمۇ تورا دۇنياسىدا ئىزىمنى قالدۇرۇشنى نىيەت قىلدىم.
سىىز مەندىنمۇ بەكرەك ئالدىراش بولشىڭىز مۈمكىن،شۇنداقتىمۇ سىزنىڭ ماڭا ياردەم قىلدىغانلىقىڭىزغا ئىشنىمەن.
سىزدىن سورايدىغان 1-ياردىمىم،ئۆزىڭىز ھازىر بىلوگ بىتىڭىزدە قوللىنۋاتقان ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان «يىشىل دالا» ئۇسلۇبىنى،بىلوگ قۇرۇشقا ئائىت ماقالىلىرىڭىزنى ئىۋەرتىپ بەرگەن بولسىڭىز.
مىنىڭ ئىلىكىتىرونلۇق پوچتا ئادىرىسىم:
eqawandaz@gmail.com
مەن شۇ بويچە قىلساممۇ ئۇسلۇپ كودىنى قاچىليالمىدىم،يول كورسەتسىڭىز؟
بۇ بولسا بىر سىناق . بۇ ئىش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولۇپتۇ!
men herqanche qilipmu blogimni uyghurchilashturalmidim. sorette diyilgendek qildim likin bolmidi. qandaq qilishim kerek? mining blogim.
www.uyghurdiyari.blogspot.com
yuqarqida mezmunlar bolghashqa uyghurchilashturghili bolmighan ohshaydu dep yene yengidin birni alghan idim. likin unimu uyghurchilashturalmidim .
http://www.kokbure.blogspot.com/
ئىنكاس يېزىڭ