بۈگۈن غەلىتە ئىش يۈز بەردى، يانفونۇم جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئىدى، نومۇرى 137 دىن باشلىنىدۇ. ئەتىگەندىن باشلاپ، ئېكراندا جۇڭگو تېلىگرافى (中国电信) دىگەن خەت چىقىپ قالدى. نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمەيمەن. توردىن ئىزدىسەم ئىلگىرى كۆچمە خەۋەرلىشىش يانفونلىرىدا جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ بەلگىسى چىقىپ قالغانلىقى كۆرۈلگەنكەن. ئەمما مېنىڭ يانفونۇمدا تېلگرافنىڭ بەلگىسى كۆرۈنۈپ قالدى. تېلفون ئۇرسام-قوبۇل قىلسام ھىچقانداق دەخلىسى يوق !
مېنىڭ بىلىشىمچە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش 中国移动通信 بىلەن جۇڭگو تېلگىراف 中国电信 بىر - بىرى بىلەن رىقابەتلىشىدىغان ئايرىم شىركەتلەر. مەن شەھەر ئاتلاپ دېڭىز بويىدىكى بىر شەھەرگە كەلگەندە مۇشۇنداق غەلىتە ئىش يۈز بەردى. ئەھۋالدىن قارىغاندا خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ رايون ئاتلاش مۇلازىمەتلىرىدە مەلۇم ھەمكارلىقلار بولسا كېرەك.
2008-06-22
كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى جۇڭگو تېلگىراف تورىغا ئۆزگىرىپ قالدى
| ئاداش-ئاداش بولايلى! بىر نان تاپساق تەڭ يەيلى! |
تەكلىماكان بلوگقا
帖子评论ئارقىلىق مۇشتەرى بولۇش
1 ئىنكاس:
مېنىڭكىدە ھېچ قايسىسى چىقمايدۇ... يەنە نورمال ئىشلەيدۇ.
ئىنكاس يېزىڭ