2008-11-29

Blogbus ئۈچۈن كۆكدالا ئۇسلۇبى ئىشلەندى {باھالاڭ}

بىز ئالدىنقى قېتىم BlogSpot ئۈچۈن كۆكدالا ئۇسلۇبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ تارقاتقاندىن كېيىن، بۈگۈن يەنە بۇ ئۇسلۇبنى Blogbus سۇپىسىغا كۆچۈردۇق. ئۇسلۇبنى تارقىتىشتىن ئاۋال تورداشلارنىڭ پىكرىنى ئېلىپ باقماقچى. ئەلۋەتتە ئېھتىياجلىق تورداشلار ئاز بولسا تارقاتماي قويىمىز.
بۇ ئۇسلۇبنى ئىشلەشتە Blogspot ئۈچۈن جەفىرى جونسون ئەپەندى ئىشلىگەن يېشىل دالا ئۇسلۇبى ئۈلگە قىلىنغان. ۋە بۇ ئۈلگە ئاساسىدا Blogspot ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبى كۆكدالا تارقىتىلغان. (تەكلىماكان بلوگ بلوگ ياساش سەھىپىسىدە بار).
Blogbus كۆكدالا ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبىنى كۆرۈپ بېقىش
تورداشلار ئۇسلۇبنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ رەڭلىرى، خەت نۇسخىسى ۋە باشقا قاملاشمىغان تەرەپلىرىگە پىكىر بەرسە، قاملاشقان تەرەپلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرسە بولىدۇ. ئوڭۇشلۇق ۋە سۈپەتلىك تارقىتىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ياردەملىشىپ باھا بەرگەيسىز. رەھمەت. باھانى ئۈلگە ئادرېسقا يېزىشقا بولمايدۇ. چوقۇم مۇشۇ ماقالە ئاستىغا يېزىڭ.
بىز پەقەت يېتەرلىك ئىنكاس ۋە تەكلىپ پىكىرلەرگە ئېرىشكەندە ئاندىن تارقىتمىز.

11 ئىنكاس:

匿名 يازغان ئىنكاس

arjidiki yexil rangni kok kilip beripsizgu??

Azghun يازغان ئىنكاس

ياخشى چىقىپتۇ، تىزراق تارقىتىلىشىغا تىلەكداشمىز.......

Azghun يازغان ئىنكاس

بىراق ئاۋۇ كۆك رەڭ (ئىككى يان تەرىپى بەك كەڭ بۇلۇپ كېتىپتۇ، ماقالە يازىدىغان جاي بەك كىچىك بۇلۇپ قاپتۇ.) نى سەك كىچىكلىتىۋەتسە تېخىمۇ ياخشى بۇلۇپ كەتكۈدەك.

Azghun يازغان ئىنكاس

بىراق ئاۋۇ كۆك رەڭ (ئىككى يان تەرىپى بەك كەڭ بۇلۇپ كېتىپتۇ، ماقالە يازىدىغان جاي بەك كىچىك بۇلۇپ قاپتۇ.) نى سەل كىچىكلىتىۋەتسە تېخىمۇ ياخشى بۇلۇپ كەتكۈدەك.

TMK يازغان ئىنكاس

Azghun ئەپەندىگە:
تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. مەزمۇن ئورنىنىڭ كەڭلىكى 692. بۇ جونسون ئەپەندى ئىشلىگەن يېشىل دالانىڭ ئەسلى كەڭلىكى. تورتۇراغا نىسبەتەن مۇۋاپىق. سەل كەڭ بولسا سەت كۆرۈنۈپ قالىدۇ. بىز مۇشۇ ئۇسلۇبنىمۇ ساقلاپ قالغان ئاساستا كېڭەيتىلگەن يەنە بىر ئۇسلۇب چىقارساق بولىدۇ. ئەمەليەتتە كېڭەيتىلگەن 728 لىك ئۇسلۇبنى چىقارغان، تېخى تارقاتمىغان. كېڭەيتىلگەن نۇسخىنىڭ كەڭلىكىگە 728 لىك ئېلان دەل چۈشىدۇ. سىزچە 728 بولسا بولارمۇ، ئۇنىڭدىنمۇ كەڭرەك بولسا بولارمۇ يا ؟

Azghun يازغان ئىنكاس

taklimakan ئەپەندىگە،
مىنىڭ بۇ كىچىككىنە تەكلىپىمنى بۇنچە ئەستەيىدىللىق بىلەن قۇبۇل قىلماقچى بولغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
سىز دېگەندەك 728 بولسا بۇلىدىغۇ دەيمەن.

Azghun يازغان ئىنكاس

قاچان تارقاتىسىز بۇ ئۇسلۇبنى؟
ھەجەپ تەشنا بولدۇم

Azghun يازغان ئىنكاس

شۇناق قىلىپ بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئىسمىنى چىقرىپ قۇيۇپ ئۆزىنى كۈرەلمەمدۇق؟

ferozam69 يازغان ئىنكاس

كەچۈرۈڭ!مەن سوراپ باقسام،سىزنىڭ بۇ تور بىلوگڭىزنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋالغىنىڭىزغنى بىلگۈم بار؟
مەنمۇ بىرەر تور بوشلۇقۇمنى مۇشۇنداق قىلاي دىگەن.خەنزۇچە بولىۋەرسە،مەنمۇ ئۇيغۇرچە ئۇزۇم بىلىدىغان بىلىملەرنى خەنزۇچە ئوقالمايدىغانلارغا ئىپادىيەلمەيدىكەنمەن

ت.م.ك || يازغان ئىنكاس

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
سىز بلوگ ياساش دىگەن تۈرگە قاراڭ.

匿名 يازغان ئىنكاس

تەكلىماكان ئەپەندىم، تور يۈزىدە RSS نى ئېلان قىلغان كۆرۈپ بېقىڭ:
http://web.aelsoft.com.cn/rss

ئىنكاس يېزىڭ