2009-04-14

تور بېكەتنىڭ قىممىتى - تور بېكەتنىڭ كىرىمى

مەيلى قايسىلا جۇڭگو تور بېكىتىگە كىرىڭ 10 پارتىلاش خاراكتېرلىك چوڭ ماقالىنىڭ توققۇزى پالانى چولپان ناخشا ئوقۇۋاتقاندا قوڭى ئوچۇق قالدى، پۇكۇنى سىيىۋاتقاندا رەسىمگە تارتىۋالغان «写真图» ، پۇستانى بۈۋىمنىڭ سەكسى كۆرۈنۈشى دىگەندەك.. ھەممىسى بىر خىللا يۆلىنىشتە داۋاملىشىۋاتقان، سوغۇق قانلىق بىلەن تارازىغا سالغاندا پەقەتلا چەك باسمايدىغان ئەخلەت ئۇچۇرلار.
قايسىلا ئۇيغۇرچە داڭدار تور بېكەتكە كىرىڭ، ئالامەت نىنو، كارامەت كىنو، ھىندىستاننىڭ، كورىيەنىڭ دىگەندەك.... ئوبدانراق نەزەر سالغاندا پەقەتلا پايدىلىنىش قىممىتى يوق ئەخلەت مەزمۇنلار... ئەلۋەتتە بۇ كىنولارنىڭ سۈزۈكلىكى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاندىن باشقا نۇرغۇنلىرى باشقا سىن بېكەتلىرىگە ئۇلاش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان بەتلەر.
يۇقارقى تور بېكەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان بىرەر مەھسۇلاتى يوق، مۇنبەر نامى بىلەن قۇرىۋالغان بىر سورۇنغا بىر مۇنچە گەپ تالىشىدىغانلارنى توپلىۋالغان. قايسى ساھە مۇۋەپپەقىيەت قازانسا دەرھاللا ئومۇمى بەتتە ئۆزگىرىش ياساپ شۇنى چىقىرىپ باقىدۇ.
Adsense ئېلانى ئارقىلىق پۇل تېپىش ئومۇملىشۋىدى، 56 دىگەندەك چوڭ بېكەتلەرنى دىمەيلا تۇريلى... نۇرغۇن بېكەتلەر كۈچىنىڭ بارىچە كىنو - ناخشا دىگەنلەرنىڭ چۆرىسىگە ئېلان قىستۇرۇشتى.
Google غا ئوخشاش ئىزدەش ماتورىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ھەممە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنى بىردىن ئىزدەش بېكىتى قۇرۇشقا ئاتلاندۇردى بولغاي: تىز تاپ، ئاپشاركا، ئۇيگۇگول، ش.ج گۇگول، ئىزدەش.... يەنە نۇرغۇن.... بېكەتلەر بىرقلا پەيدا بولدى.
Google نىڭ مۇشۇ كۈنگە يېتىشىگە 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقت كەتتى. ئەمما ھازىرقى ياش ئۇستا ئۇيغۇر پروگراممېرلار بىر كېچىدىلا گۇگول ياساشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن. مەيلى قانداقلىكى تور بېكەت بولسۇن ئۇلار بىر كېچىدىلا بەرپا قىلالايدىكەن. ئوپمۇ-ئوخشاش بىر تور بېكەتنى بىر نەچچە تور نامى ئاستىغا كۆچۈرۈپ، پالانچى كىنو، پۇكۇنچى كىنو، پۇستانچى كىنو كۇلۇبىدىن ئىبارەت مول كىنو كۇلۇبلىرىنى نەچچە سائەتتىلا ۋۇجۇدقا چىقارالايدىكەن.
ھالبۇكى يۇقارقىدەك ئەھۋاللار تور بېكەتلەردە تېخنىكىلىق قىممىتى يۇقىرى، ئىنتېرنېت ئىشلەتكەنگە چۇشلۇق كىشىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان ئۇچۇرلار ئاز ياكى يوق بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھازىرچە تېخى مۇقىم ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ، مۇقىم خىزمەت بىناسىغا ئىگە، ئۆز ئالدىغا مۇلازىمىتېر ئۆيلىرى بولغان، مۇكەممەل باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى شەكىللەندۈرگەن، بىرەر بازارغا يۈزلەندۈرگەن ئۆنۈملۈك مەھسۇلاتى بار، ئىنتېرنېت بىلەن ئوينىغانغا چۇشلۇق يۇقىرى مائاشقا ئىگە نەچچە يۈز خىزمەتچىسى بار تور شىركەتلىرى بىزدە كۆرۈلمىدى.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا Google ھەر كۈنى 600 يېڭى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىكەن. ئەمما بىزدە بىرلا ئادەم بىر كېچىدە بىر قانچە تور بېكەت قۇرالايدۇ.
زادى قانداق مەسلە مەۋجۇت:
مەبلەغ سالماسلىق:
پالانى خەلقئارا ئۇنۋېرسال تور بېكىتى - نامىدىكى بېكەتلەرمۇ، 1 يۈەن خەجلەپ بىر تال تور نامى سېتىۋالغاندىن باشقا چوڭراق مەبلەغ سالمىغان، بېكارغا كەلگەن نەرسىگە ئىگىسىنىڭمۇ ئىچى ئاغىرمايدۇ. شۇڭا ئۇ بارلىق ۋاستىلەر بىلەن تور بېكەت كىرىمىنىلا ئويلىشىدۇ. تور بېكەت تېز ئارىدا ۋەيران بولسىمۇ، چوڭ زىيان بولمايدۇ. يېقىندا بىر قېرىندىشىمىز ماڭا 5 تور نامىنى كۆرسەتتى، ۋە ئۆزىنىڭ بۇ بەش تور نامى ئاستىغا بەش دانە تور بېكەتنى تەييارلاۋاتقانلىقى، بىر ئاي ئىچىدە پۈتتۈرۈپ ھەممىنى بىراقلا ئاچىدىغانلىقى، مېنىڭ مەسلىھەت بېرىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ.... مەن 97 - يىلى ئىنتېرنېتنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان. ئۇ چاغدىن باشلاپ ھازىرغىچە مۇقىم مېڭىپ توختاپ قالماي كېلىۋاتقان بىرەر ئۇيغۇرچە تور بېكەتنى ئۇقمايمەن. ئەمما ھەممە تور بېكەت ھەر يىلى ئۆزىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى كەلگەنلىكى مانچە يىللىقىنى تەبرىكلەپ يوغان لوزۇنكىلارنى ئېسىپ تەبرىكلىشىدىكەن.
باشقىلارنى دوراش:
سوپۇن ياسىسا سوپۇن، تالقان ياسىىسا تالقان، ئىچىملىك ياسىسا ئىچىملىك ياساپ بەسلىشىۋاتقان ئۇيغۇر كارخانلىرىدەك.... بۈگۈن قىزىل كالا، ئەتە قىزىل بۇقا، ئۆگۈن قىزىل تۆگە، ئىندىن قىزىل بۇغا، ئەمدى قىزىل تۇلپار چىققاندەك، ئامراق كىنو كۇلۇبى، دۇمباق كىنو كۇلۇبى، دومساق كىنو كۇلۇبى دەپ.... ئىنتېرنېت دىگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ... ئاغزىمنى ئېچىپلا قالىمەن بەزىدە. ئىلگىرى Siemens ماركىلىق يانفونلار يامان مودا ئىدى، نوكىيا ۋە موتورولانىڭ يەر شارى بازىرىنى تارتىۋېلىشى بىلەن، ئۇلار زاۋۇت ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتتى بولغاي توڭلاتقۇ، كىرالغۇ دىگەندەكلەرنى ياسايدىغان ساھەگە يۈرۈش قىلدى. مېنىڭچە ئەگەر سىز ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىش قىلماقچى بولسىڭىز ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىڭ، ھەمكارلاشقىلى بولمىسا ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپراق قىلىڭ، ئاشۇرپراق قىلىشقا ئىشەنچىڭىز بولمىسا، باشقا ئىش قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەممە ئادەم زاۋۇتقا كىرىۋالسا يەرلەرنى كىم تېرىيدۇ؟ .... دىگەندەك.
مۇنبەرلەردە MSN ئۇيغۇرچە قوللايدىكەنيەي، GoogleTalk ئۇيغۇرچە قوللىدىيەي دىگەندەك پاراڭلارنى قىلىپ قويىۋېدۇق، كۆزنەك مۇڭداشقۇ، كوت-كوت مۇڭداشقۇ، بىزنىڭ مۇڭداشقۇ، سىزنىڭ مۇڭداشقۇ، بارخان مۇڭداشقۇ دىگەندەك ئۇيغۇرچىنى ئالامەت قوللايدىغان، ھەممىسى تۇنجى .... ئۇيغۇرچە IM لار ئارقا-ئارقىدىن ياساپ چىقىلدى. MSN نىڭ بۇ كۈنگە تەرەققىي قىلالىشىغا 15 يىل كەتكەن بولسىمۇ، بۇ ئالامەت ئىلغار ئۇيغۇرچە IM لار بىر كېچىدىلا ياسىلىپ، MSN دىن ئېشىپ كەتكىلى تاسلا قالدى ! ... ھالا بۈگۈنگە كۈنگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ توپا-چاڭلىرى تېزلا بېسىقىپ قالدى، ئۇلاردىن شەپىمۇ يوق، ئۇرانمۇ يوق، ئەسەرمۇ يوق! غايىپ بولغان جىندەك !
ئۇنۋېرسال مۇنبەرچىلىك:
ھەممە چوڭ تور بېكەتنىڭ بىردىن مۇنبىرى باركەن، ھەممە مۇنبەرنىڭ ئۆز ئالدىغا يىگىرمە ئوتتۇز سەھىپىسى باركەن، ئومۇملاشتۇرۇپ كۆرگەندە بارلىق مۇنبەرلەرنىڭ سەھىپىلىرى ئاساسەن ئوخشاش، IT بىلىملىرى، ئەدەبىيات، مۇھەببەت، تارىخ، ھىكايە شېئىرلار، گۈزەل - سەنئەت، پروگرامما لايھەلەش... دىگەندەك.
مۇشۇنداق قۇرىۋالسا ھەممە ئادەم شۇ مۇنبەرگە كىرىدىغاندەك، مەخسۇس بىر خىل مەزمۇندا قۇرسا باشقا ئادەم كىرمەيدىغاندەك. ئەلۋەتتە پولو يەيدىغان ئادەم كاۋاپخانىغا كىرمەيدۇ-دە !
مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار مۇنبىرى بولسا بولىدىغۇ؟!
بىزدە ئوقۇتقۇچىلار كېچىچە ئۇخلىماي دىگۈدەك دەرس تەييارلايدۇ، بىر ئوقۇتقۇچى تەييارلىغان دەرسنى يەنە بىر ئوقۇتقۇچىمۇ تەييارلايدۇ، بىرسى ماڭغان يولنى يەنە بىرسى ئوخشاش قىيىنچىلىقلار بىلەن قايتا ماڭىدۇ. ئۇلار پايدىلىنىشقا تىگىشىلىك ئۇچۇرلارنى ئۆز-ئارا ئورتاقلىشىدىغان بىر مۇنبەر بولسا نىمە دىگەن گۈزەل!
مەخسۇس يانفون رېمونتچىلىرى مۇنبىرى بولسا بولىدىغۇ؟!
بىز نوكىياغا ئۇيغۇرچە خەت قاچىلاش، سېستىما قاچىلاش دىگەندەك تېمىلارنى يازدۇق ۋە كۆردۇق، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يانفوندا كۆرۈلگەن بارلىق مەسلىلەرنى ئورتاقلىشىپ، ئۆز - ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق ھەل قىلىدىغان، بىر ئادەم تارتقان جاپانى يەنە بىر ئادەم تارتماي تۇرۇپلا نەتىجىسىگە ئېرىشەلەيدىغان سورۇن بولسا نە گۈزەل !
ۋە باشقا مەخسۇس مۇنبەرلەر ......
يېقىندا تېخى مۇنداق بىر ئىش پەيدا بوپتۇ، قايسىلا ناخشىنى ئاڭلىسىڭىز دابليۇ دابىليۇ دابىليۇ غاراڭغۇرۇڭ كوم دەيدىغان سەت بىر ئاۋاز قىستۇرۇقلۇق. بارلىق ناخشا بېكەتلىرى ئۆز تور بېتىگە چىقارغان ناخشىلارغا مۇشۇ گەپلەرنى قىستۇرىۋالىدىكەن. خۇددى بۇ ناخشا ئۇلارنىڭدەك... ھې ھې ھې !
گەپنىڭ نەق يېرىگە كەلسەك، تور بېكەت ئەخلەت بولغاچقا ئۇنىڭدا كۆرۈنگەن ئېلانلارمۇ ئەخلەت، تور بېكەتنىڭ قىممىتى تۆۋەن بولغاچقا ئۇنىڭغا چىققان ئادەملەرنىڭمۇ ساپاسى تۆۋەن، ئۇنىڭدا كۆرۈنگەن ئېلانلارنىڭمۇ باھاسى تۆۋەن، ئاخىرقى ھىسابتا تور بېكەتنىڭ كىرىمى يوق دىيەرلىك. ياكى Admin نىڭ جېنىنى ئاران باقالايدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ تورغا بولغان قىزغىنلىقى بەك يۇقىرى.... ھازىر دېھقانلارمۇ QQ ئىشلىتىشنى بىلىدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن تورخانا دىگەن كىيۇكىيۇ خانا ياكى كىنوخانا، ئىنتېرنېت دىگەن QQ شۇ ! ، QQ دىگەن قىز بالا قوشۇپ، ياكى ئوغۇل بالا قوشۇپ پاراڭلىشىدىغان، ئېپى كەلگەندە تونۇشۇپ قالىدىغان ئوقەت!

9 ئىنكاس:

كۆك يازغان ئىنكاس

گەپ دېگەننى سويىسىلەر جۇمۇ!!

دولقۇن 731 يازغان ئىنكاس

سىزنىڭ ماقالىرىڭىزنى ئۇقۇش مەن ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر ئەھمىيەتلىق ئىش ، راس دەيسىز ئۇيغۇر تورچىلىقىمىز يوقلىقتىن بارلىققا كىلىپ "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش "ھەركىتىنى باشلىۋەتتى ھازىرغا قەدەر تۈزۈكرەك خاسلىققنى ۋە مۇستەقىلىقنى ئۆلچەم قىلغان تور بەتلەر بەك ئاز ، بىز باشقىلارمىڭ جاپادا نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بارلىققا كەلتۈرگەنلىرىنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپلا ئۆزىمىزدىن پەخرلىنىپ كېتىپ بارىمىز ،ئەمما بىزدە تېخى ئۇنى مۇستەقىل ياسىشقا ئىشلەيدىغان كاللا بەك ئاز ، دورامچىلىق ھەقىقەتەن بەك كۆپۈيىپ كەتتى ، سىزنىڭ باشلامچىلقىڭىز بىلەن بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرچىلاشقان بىلوگلار 300دىن ئېشىپ كەتتى ئەمما ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى ۋە مۇقۇم زىيارەت ئېقىم مىقتارىنى بارلىققا كەلتۈرگىنى 50دىن ئاشمايدۇ دەپ ئويلايمەن ، بىز بىلمەيدىغان بىلوگتۈرلىرى كۆپۈيۈپ دەسلەپكىblog*bus,blog*spot تىن ھالقىپ Z-blog ,PJblog ,........ قاتارلىقلار بارلىققا كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ . بلوگلارنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىنى كۆرگەنلار ئۆز تور بەتلىرىگە "بىلوگلار"دىگەن تۈردىن بىرنى قوشتى ،بىر قىسىم داڭلىق مۇنازىرە تور بەتلىرىدىن سەلكىن ،رېتىم .......، بىلوگلارنىڭ كۆپىيىشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ ئارقا -ئارقىدىن ئاتالمىش بىلوگلار بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ ، بىلوگلارنىڭ كۆپىشىمۇ يوللىقتىن بىراقلا كۆپۈيۈپ قاتناش قوماندانىغا مۇھتاج بۇلىۋاتىدۇ .

ساكۇرا يازغان ئىنكاس

ئەجەپ قالتىس يېزىپسىز بۇ يازمىنى، ئوقۇپ بولغىچە كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتىمەن. بىزگە ناتىقلىقتىنمۇ دەرس بەرمىسىڭىز بولمىدى...
ھازىرقى تور مەدەنىيىتىمىزگە قارىتا تولىمۇ جايىدا پىكىر قىپسىز. مەنمۇ ۋاقتىم چىققاندا بىر نەچچە مۇنبەرنى ئارىلاپ قويىمەن. لېكىن ئەپسۇسلىنىدىغىنىم، مەزمۇن تەكرارلىقىنىڭ شۇ قەدەر كۆپلۈكى، خاسلىقنىڭ ئاز بولۇشى. مەخسۇسلاشقان، مۇنتىزىملاشقان تور بېكەت، مۇنبەر ياكى بلوگلىرىمىز بەكلا ئاز. كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپەئەتنى دەپ ھەممە مەزمۇننى كىرگۈزۈۋېلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس دەپ قارايمەن.

erdawil يازغان ئىنكاس

راست گەپلەرنى يېزىپسىز ، تور بەت تولا ، لىكىن لازىم بولغان بىر نەرسىنى ئىزلىگەندە ئاشۇ كۆپ تورلاردىن ئاشۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىدەك ، قانائەتلىنەرلىك جاۋاپتىن بىرسى يوق . باياقى ئىشنى مىسالغا ئالسام ، بىر ئاغىينەم كەپتىكەن ، چىڭگىزخاننى كۆرەيلى دىدى ، كۆڭلى دەپ كۆپ ئىزدەپ كەتتىم ، چىڭگىزخاننىڭ كىنوسى بار ئۇيغۇر بەتلىرىنىڭ ھەممسىنىڭ مەنبەسى بىر ، يۇكۇ دىن ئاپتىكەن ئادرىسنى ھېچقايسى چىقمىدى ، شۇنىڭ بىلەن خەنزۇچە ئىزدەپ 56 تورىدىن كۆردۇق ، سۈپىتى شۇنداق ناچار.

YukselBlog يازغان ئىنكاس

ئۇيغۇرلاردا بلوگچىلىق نۆۋەتتە تورداشلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىش باسقۇچىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، كەڭ دائىرىدە ئومۇملىشىش، تاكامۇللىشىش، پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۇ ھال كىشىنى خۇرسەن قىلىدۇ ، ئەلۋەتتە. تەكلىماكان بلوگىنىڭ داۋاملىق ئۆزىنىڭ بايراقدارلىق رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

Nurtax يازغان ئىنكاس

راست گەپتىن بىرنىلا قىپسىز. بۇرۇن مەنمۇ نۇرتاش تورىنى ئونۋىرسال ، ھەممە نىمە چىقىدىغان قىلىۋەتكىلى تاسلا قالغان . لىكىن سىزنىڭ بىر يازمىڭىزنى ئۇقۇپ ، كۆپرەك شۇنىڭ تەسىرىدىن ئاخىرى تور بېكىتىمنى ئاددى بولسىمۇ ، مۇقىم، كەسپىلىشىۋاتقان يۇمشاق دىتال چۈشۈرۈشنى ئاساس، باشقا مۇلازىمەتنى قوشۇمچە قىلغان تور بىكەتكە ئۆزگەرتتىم . كىنو، ناخشا دىگەنلەرنى يوقلا قىلىۋەتتىم . ھازىر ناخشىلارنى باشقىلارنىڭ بېكىتىدىن ئاڭلاۋاتىمەن .

ۋاقتى بارلار خوتەنگە كەلسە چۇقۇ بازارنىڭ توپ تارقىتىش ئورنىنى كۆرۈپ باقسا ، شۇلارمۇ كەسىپلىشىپتۇ . گازىرچە مەخسۇس گازىر ساتىدىكەن . كەمپۈتچى كەمپۇت ، پاختەكچى پاختەك .. . . ئىشقىلىپ ھەممە ئۆزى بىلەن بىللە . .

Ekrem يازغان ئىنكاس

توغرا، بىلوگنىڭ كۆپەيگىنى بەك ياخشى بولدى، ئۆتكەن يىللاردا ئۇيغۇرلاردا ياخشى بىلوگنى ساناپ كەلسە ئون نەچچە چىقىتى بەلكىم، ھازىر مۇنەۋۋەر بىلوگلارمۇ جىقلاپ قالدى، بىراق مېنىڭچە سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن يەنىلا ئاز...

ئابدۇسالام يازغان ئىنكاس

نەق گەپنى قىلىپسىز،دىمسمۇ ھازڭر مۇشۇنداق ئەھۋال بەك ئېغىر.بۇنۇڭغاخىلمۇ-خىل ئامىل سەۋەپ بولغان،لڭكڭن بۇ ئەھۋالمۇ ئوڭشىلىپ كڭتدشى ئىنىق

boghlan يازغان ئىنكاس

بەك ئەمەلىي مەسىلىلەرنى يېزىپسىز، مەن تورغا چىقساملا ئالدى بىلەن سىزنىڭ بلوگىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە بلوگنى كۆرۈپ بولۇپ، ئاندىن باشقا تور بەتلەرگە كۆز يۈگۈرتىمەن. دىمىسىمۇ ھازىرقى بار تور بەتلەرنى يىغسا بىر نەچچىگە يىغىشقا بولامدىكى ياكى يىغىنچاقلىغىلى بولامدىكىن دەپ قارايمەن .

ئىنكاس يېزىڭ