Adsense قا ئوخشاش تور ئېلان سۇپىسى دەسلەپ ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئاۋستىرىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ Adsense دىن بۇرۇنراق تەرەققى قىلدۇرغان چېكىلگەنگە ھەق ھىسابلايدىغان ئېلان شىركەتلىرى بار. ئەمما Google پەيدا بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۆپۈنچە بازىرى يېتىپ قالدى. ئەمما يەنىلا توختىماي تەرەققى قىلىۋاتقان شىركەتلەرمۇ بار. ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەقنى ياۋرو بويىچە ھىسابلايدۇ. شۇڭا بېرىدىغان پۇلى گۇگولدىن كۆپرەك. بىز بۇندىن كېيىنكى يازمىلاردا پۇل ئالغىلى بولىدىغان ياۋروپا ئېلان شىركەتلىرىنى تونۇشتۇرىمىز، ھازىر ئىتالىيە ۋە ئاۋستىرىيەنىڭ بىر قانچە ئېلان شىركىتىنىڭ توردىكى سۇپىسىنى چۈشىنىۋاتىمىز. ئەگەر مۇۋاپىق بولسا تورداشلارغا بلوگدا ياۋرو تېپىشنى ئۆگىتىپ قويىشىمىز مۇمكىن. قىززىقسىڭىز كېيىنكى ھەپتىلەردە بىزنى يوقلاپ تۇرۇڭ.
بىر قانچە ئېلان شىركەتلىرىنىڭ ئېلانىنى بىرلا بلوگدا قويسا بولامدۇ؟
ئەگەر ئېلان تەمىنلىگۈچى شىركەت باشقا شىركەت ئېلانلىرىنى قويۇشنى چەكلىمىسە ئەلۋەتتە بولىدۇ. شۇ تور بېكەتتە ئېلان سەل كۆپرەك بولۇپ قالىدۇ. ئەمما بىرسى چېكىلمىسە يەنە بىرسى چېكىلىپ قېلىشى، بايدىن چىقمىسا سايرامدىن چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. Blogbus نىڭ باش بېتى بىلەن ماقالە بېتى ئايرىم بولغاچقا باش بەتكە ئايرىم، ماقالە بېتىگە ئايرىم ئېلان قويۇشقا بولىدۇ. Blogspot دا ئىككىلەمچى js كودى قوشمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ خىل ئۈنۈمنى ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ.
2009-04-18
تەكلىماكان بلوگقا
帖子评论ئارقىلىق مۇشتەرى بولۇش
2 ئىنكاس:
ياخشى تېمىلارنى يېزىۋاتىسىز تەكلىماكان ئەپەندى ، مۇشۇ بىلوگىڭىزدىن تېخنىكا جەھەتتە كۆپ مەنپەئەتلەندۇق ، يەنە مەنپەئەتلىنىدىغان ئوخشايمىز ،رەھمەت سىزگە ھارمىغايسىز.
ماۋۇ كۈنى " Blogger نى ئىشلىتىشتىن تەپسىلى بايان I " نى يازغانتىڭىز ، ۋاقتىڭىز چىقمىدىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ بىلمىدىم ئاخىرى تېخى يېزىلمىدى ، مەن بىلوگباستا بىلوگ يازغانتىم ، ھازىر بىلوگگېردا بىلوگ يازاي دىسەم تازا بىلىپ كېتەلمىدىم ، بەزى جايلارنى قىلالمىدىم . بولسا ئاشۇ تىمىنىڭ ئاخىرىنىمۇ ئارىلاپ يېزىپ قويسىڭىز، .
ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇپ ، ئەسلىگە قايىتقاندىن كېيىن ، "يازما تۈرلىرى"، " ئىزدەش" لەرنى چىقارماپسىز ، ئىلگىرى بىلوگىڭىزدا " مەزمۇننى باش بەتتە ئىخچام كۆرسىتىش " دىگەندەك بىر تىمىنى كۆرگەندەك قىلىۋېدىم ، ھازىر بولسا تاپالمىدىم ، بولسا بىلوگىڭىزنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىپ قويسىڭىز ، .
ئەڭ ئاخىردا سىزدىن بىر ئىشنى سوراي دىۋىدىم ، مەن بىلوگباستىكى بىلوگقا گوگۇل ئېلانى قويغان ئىدىم ، بىر بەتتە پەقەت بىرلا ئېلان كۆرۈنۈپ ، يەنە بىرسى كۆرۈنمەيۋاتىدۇ ، مەسىلەن باش بەتتىكى سەرلەۋھەنىڭ ئاستىغا بىرنى ، ئوڭ سىتونغا بىرنى قويسام پەقەت بىرسىلا كۆرنىدۇ ، يەنە بىرسىنىڭ ئورنى بوش ، ئەمما كۆرۈنمىدى ، ئارقا بەتتىمۇ ، شۇنداق ، سەرلەۋە ئاستىدىكىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ ، ئىنكاس ئاستىغا بىرنى قويغانتىم ، ئۇمۇ كۆرۈنمىدى ، مۇشۇ ئىشتا ياردەم قىلسىڭىز ، قانداق قىلسام ئىككىلىسى كۆرۈنىدۇ؟ مىنىڭ بىلوگباستىكى بىلوگىمنىڭ ئادرىسى مانا http://uy-orla.blogbus.com/
بىلوگسىپوتتىن ئالغان بىلوگىمنىڭ ئادرىسى مانا http://erdawel.blogspot.com/
ياۋرو تاپقىلى بولىدىغان ئىشەنچىلىكرەك ئېلان بولسا تونۇشتۇرۇپ قويۇڭ ئەمىسە، تۆنۈگۈن ساقلىسام چىقمىدىڭىز...
ئىنكاس يېزىڭ