2009-04-19

Blogger نى ئىشلىتىشتىن تەپسىلى بايانⅡ

BlogSpot دا تورتۇراسى بارلار بۇ يازمىنى تەپسىلى ئوقۇڭ. بلوگنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋالىسىز. بۈگۈن يازما يوللاش، تۈرگە ئايرىش، يازمىلارنى باشقۇرۇشقا قولايلىق يارىتىش ۋە يازما يېزىش رامكىسىنى چۈشىنىپ باقايلى. Blogspot نى ئىشلىتىش ئىنتايىن قولايلىق، ھەرقانداق كىشى ئۆز ئادىتىگە ئاساسەن خالىغانچە لايھەلىۋالىدىغان بولغاچقا دەسلەپ تونۇشقاندا مۇرەككەپرەك بىلىنىدۇ. كۆپ خىل ئىقتىدارلار قوشۇلمىغاندەك.
مەسلەن BlogSpot دا يازمىلارنى تۈرگە ئايرىش دەيدىغان جاي يوق، ئەمما Blogbus دا بار. ئۇنداقتا شۇنچە داڭلىق Blogger دا بۇ ئىقتىدار يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بار...
ئاۋال Blogger.com ئارقا سەھنىگە كىرگەندىن كېيىن، ماقالە يېزىش بېتىنى ئېچىڭ. تۆۋەندىكى رەسىمدەك ئېچىلىدۇ. قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن رەسىمدىكى مۇھىم ئورۇنلارغا نومۇر قويۇلدى، بىز شۇ نومۇر بويىچە چۈشەندۈرەيلى:


1. نومۇرلۇق ماۋزۇ رايونى:
ماۋزۇ رايونىغا ئاۋال لاتىن يېزىقىدا ماۋزۇ قويۇپ ماقالە يوللاڭ. ماۋزۇ رايونىغا بىۋاستە ئۇيغۇرچە خەتلەرنى يازماڭ. ماقالىنى بىر قېتىم يوللاپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئۇنى تەھرىرلەش ئورنىغا كىرىپ ئاندىن لاتىن يېزىقىدىكى ماۋزۇنى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ماۋزۇغا ئالماشتۇرۋېلىڭ. مەسلەن:
ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال - دەپ ماۋزۇ قويماقچى بولسىڭىز ئاۋال Uyghurche-Yumshaq-Detal دەپ ماۋزۇ قويۇپ، ماقالىنى يوللاڭ. بىر قېتىم يوللاپ بولغاندىن كېيىن دەرھال قايتىپ، ماقالە ماۋزۇسىنى يەنە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال غا ئۆزگەرتىپ قويۇڭ.
بۇنىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟ نىمە ئۈچۈن بىۋاستە ئۇيغۇرچە يازمايمىز؟
URL ئۈچۈن. Blogspot دىكى ھەر بىر ماقالىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم url ئادرېسى بولىدۇ. ئادەتتە ماقالىنىڭ url ئادرېسى بلوگ ئادرېسىنىڭ ئارقىسىغا ماقالە ماۋزۇسىنى قوشۇش ۋە ماقالە كۈنىنى قوشۇش ئارقىلىق ئاپتوماتىك بېكىتىلىدۇ. ئەگەر ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ماۋزۇ قويۇلسا URL غا ئۇيغۇر يېزىقىنى كىرگۈزگىلى بولمىغاچقا ئەرەبچە ھەرپلەر دەرھاللا كودلىنىپ، ئۇزۇن ھەم قولايسىز ھەرپ-بەلگىلىەر تىزمىسىغا ئايلىنىدۇ.
مەسلەن: 2006-يىلى 1-ئايدا يېزىلغان ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال دىگەن ماقالىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدا ماۋزۇ قويۇلغان url ئادرېسى مۇنداق بولۇشى مۇمكىن:
baliq.blogspot.com/adfjrewuier#$760388954d(*&8#$20%.htm
لاتىن يېزىقىدا ماۋزۇ قويۇلغان مۇشۇ ماقالىنىڭ ئادرېسى مۇنداق بولىدۇ:
baliq.blogspot.com/2006/01/uyghurche-yumshaq-detal
يۇقارقى ئىككى ئادرېستىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. لاتىن يېزىقىدا ماۋزۇ قويۇلسا، تورداشلارنىڭ مەزكۇر ماقالىنى ئەستە تۇتمىقى ئاسانلىشىدۇ. ھەم ئادرېسنىمۇ ئەستە تۇتىۋېلىشى مۇمكىن. سىز پەقەت ماقالىنى دەسلەپ يوللىغاندا لاتىنچە ماۋزۇ بىلەن يوللاپلا ئارقىدىن ئۇيغۇرچە ئۆزگەرتىۋالسىڭىزلا بولىدۇ. بۇنىڭلىق بلەن ماقالە ماۋزۇسى لاتىنچە بوپ قالمايدۇ، Blogger پەقەت تۇنجى قېتىم يوللانغان ماۋزۇنىلا ئادرېس قىلىپ بەلگىلەيدۇ، كېيىن ئۆزگەرتىلسىمۇ، URL دا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
2.نومۇرلۇق ئورۇن تېكست ياكى html ھالىتىدە تەھرىرلەش.
ئەگەر سىزنىڭ html دىن ھىچقانداق خەۋرىڭىز بولمىسا بۇ ئورۇن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، پەقەت ماقالە ئارىسىغا ئېلان قىستۇرۇش، كودلارنى تەھرىرلەش زۆرۈر بولغاندا بۇ ئورۇندىن html تەھرىرلەشكە ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
3. نومۇرلۇق ئورۇن ماقالىنى فورماتلاش
ماقالىدىكى خەت شەكلى، رەڭگى ۋە رەسىم قوشۇش، ئۈن-سىن قىستۇرۇش، ئىملا تەكشۈرۈش دىگەندەك باسقۇچلار مۇشۇ جايدا ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بىلوگىڭىز ئۇيغۇرچە بولسا بۇ جايدىكى رەسىم ۋە ئۈن-سىن قوشۇش ئىقتىدارىدىن باشقا فورماتنى ئىشلەتمەڭ. چۈنكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بلوگ ئۇسلۇبىنىڭ css قىسمىدىلا ماقالە خەت شەكلى دىگەنلەر ئۇيغۇرچىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ بەلگىلەنگەن. سىز بۇ جايدىن خەت نۇسخا دىگەنلەرنى ئۆزگەرتىسڭىز سىز ئۆزگەرتكەن ماقالە ئۇيغۇرچە بلوگىڭىزدا نورمال كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن.
4.نومۇرلۇق ئورۇن ماقالىنى كۆرۈپ بېقىش (يوللىماي تۇرۇپ)
5. نومۇرلۇق ئورۇن ماقالە مەزمۇنىنى يازىدىغان جاي:
بۇ جاي ئاجايىپ ئىقتىدارلىق، خەت، رەسىم، مۇزىكا، كىنو ۋە باشقا نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى مۇشۇ جايغا قىستۇرۇشقا بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بلوگىڭىز ئۇنداق كۆپ شەكىللىك بلوگ بولمىسا سىز پەقەت خەت يازسىڭىزلا بولدى.
6.نومۇرلۇق ئورۇن خەتكۈچ.
بۇ ئورۇن ئىنتايىن مۇھىم. بىز بۇ ئورۇندىن پايدىلىنىپ ماقالىگە ھالقىلىق سۆز قوشالايمىز ۋە ماقالىنى تۈرگە ئايرىيالايمىز.
مەسلەن: ئەگەر سىز يازغان ماقالە يۇمشاق دېتال ھەققىدە بولسا سىز بۇ ئورۇنغا Yumshaq Detal ياكى SoftWare دەپ يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ. Google قاتارلىق ئىزدەش ماتورلىرى مۇشۇ ھالقىلىق سۆز ئىزدەلگەندە سىزنىڭ ماقالىڭىزنى تېپىپ بېرىشى مۇمكىن.
سىز يەنە بۇ ئورۇندىن ماقالىلەرنى تۈرلەرگە ئايرىيالايسىز. ئالايلۇق سىز ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بارلىق ماقالىنىڭ مۇشۇنداق 6.نومۇرلۇق خەتكۈچ ئورنىغا Uyghurlar دەپ يېزىپ قويىسىز، بۇ چاغدا سىز يازغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بارلىق ماقالىنىڭ تۈر ئادرېسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
baliq.blogspot.com/search/label/Uyghurlar
سىز يۇمشاق دېتال ھەققىدە يازغان بارلىق ماقالىنىڭ خەتكۈچىگە Software دەپ يېزىپ قويۇڭ، ئۇ ھالدا سىز يازغان بارلىق يۇمشاق دېتال ھەققىدىكى ماقالىنىڭ ئومۇمى تۈر ئادرېسى :
baliq.blogspot.com/search/label/Software بولىدۇ
ياكى يۇقارقى ئادرېس ئارقىلىق يۇمشاق دېتال ھەققىدىكى بارلىق ماقالە بىر بەتكە تىزىلىدۇ دىگەن گەپ.
بۇ يەردە baliq مىسال ئۈچۈن ئىشلىتىلدى. بۇ جايدا لاتىنچە چوڭ ھەرپ بىلەن كىچىك ھەرپ پەرق قىلىدۇ، شۇڭلاشقا پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىڭ.
سىز يۇقارقىدەك تۈر ئادرېسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بلوگنىڭ يان رامكىسىدىكى ئورۇنغا ئۇلىنىش قوشۇش ئارقىلىق، ھەر بىر تۈرنى قوشۇپ قويالايسىز. ياكى بلوگنىڭ Label نى كۆرسىتىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئاپتوماتىك بىراقلا تۈرلەرنى كۆرسىتەلەيسىز.
7.نومۇرلۇق ئورۇن ماقالە ئېلان قىلغان ۋاقتنى ئۆزگەرتىش
سىز بىر قېتىم ئېلان قىلغان ماقالىنى تەھرىرلەش بېتىنى ئېچىپ، شۇ ماقالىنىڭ مۇشۇ ئورۇندىكى ۋاقتىنى ئالدىمىزدىكى بىر ۋاقتقا ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز، ماقالە ۋاقتىنچە توختاپ تۇرۇپ، سىز بەلگىلەپ قويغان ۋاقتتا ئاپتوماتىك يوللىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا بېكار بولغاندا بىر قانچە پارچە يازما يوللاپ، ئۇلارنى ئاپتوماتىك ئېلان قىلىدىغان تەڭشەپ قويۇپ، ئالدىراش بولۇپ كەتكەندىمۇ بلوگ يېڭلىنىپ تۇرغان كەيپىيات شەكىللىنىدۇ. ئوقۇرمەنلەر زېرىكىپ قالمايدۇ.
بۇ ئىقتىدارنى توغرا ئىشلىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى قەدەملەرنى بېسىڭ:
ئاۋال ماقالە يېزىڭ ۋە يوللاڭ.
ئاندىن شۇ ماقالىنى تەھرىرلەش بېتىنى ئېچىڭ.
ۋاقتنى ئالدىمىزدىكى ۋاقتقا تەڭشەڭ. يوللاش كونۇپكىسىنى بېسىڭ.
دىققەت: ماقالىنى يازغان تۇنجى قەدەمدىلا ۋاقتنى ئۆزگەرتسىڭىز ماقالە ۋاقتىنچە توختاپ تۇرمايلا يوللىنىپ كېتىدۇ، شۇڭا بىر قېتىم يوللىۋېىتىپ ئاندىن قايتا ۋاقت ئۆزگەرتىپ يوللىشىمىز كېرەك.
8.نومۇرلۇق ئورۇن يوللاش ياكى ساقلاش
ماقالىنى يوللاش ياكى ساقلاش ئۈچۈن 8.نومۇرلۇق ئورۇندىكى كونۇپكىلارنى باسىسىز.
بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە سۆزلەيلى. يۇقارقىلاردا چۈشىنىكسىز ئۇقۇملار بولسا دوستلارنىڭ ئىككىلەنمەي سورىشىنى ئۈمد قىلىمىز. ۋە ھەرقانداق پىكىر-تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىمىز. بۇ ماقالىنىڭ داۋامى بار. blogger نىڭ ئىقتىدارى تەپسىلى تونۇشتۇرىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئالدىمىزدىكى ماقالىلەردە تېخىمۇ ئەتراپلىق تونۇشتۇرىشىمىز ئۈچۈن تەكلىپىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

9 ئىنكاس:

جالزات يازغان ئىنكاس

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! ياخشىمۇ سىز؟

مەن بىر بلوگ ياسىغان ئىدىم . بىراق خەتنى ئوڭدىن-سولغا پەقەت توغۇرلىيالمىدىم.

مۇمكىن بولسا ماڭا بىر ياردەم قىلىپ، تېخىمۇ تەپسىلىيرەك دەپ بەرگەن بولسڭىز.

15كۈندەك بولدى. مەن شۇنچە ھەپىلىشىپمۇ‹‹youtube.com››نى پەقەت ئاچالمىدىم.
بلوگىمنىڭ ئۇلانمىسى بار ئىدى . ھەممىسى يۇقاپ كىتىپتۇ.
مۇشۇ توغرۇلۇق مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز.
رەخمەت سىزگە!!!...
مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئادىرىسلىرىم:
QQ:794201028
E-MAIL:YUSANJAN628@GMAIL.COM
سىزگە كۆپ رەخمەت !!!...
http://ughuzhan.blogspot.com

alimjan يازغان ئىنكاس

yahxi mazmunalar kop ikan tehimu yahxi mazmunlarni bizga yatkuzuxingizni umut kiliman

匿名 يازغان ئىنكاس

ياخشىمۇسىز تەكلىماكان ئەپەندىم !!!!!!
سىزنىڭ بلوگ ئۇلىنىش بېتىڭىزدە مېنىڭ بۇرۇنقى بىلوگىم بار ئىكەن ،... ئۇنى مەن ھازىر ئىشلەتمەيۋاتقانتىم ،....
ۋاقتىڭىز بولسا ئۈچۈرىۋەتكەن بولسىڭىز .،، ..... ئىسمى k-soft. ھازىر youtube نى ماڭدۇرىۋاتىمەن .....

youtube راسىت يۇقىرقى دوستىمىز ئېيتقاندەك ....... خېلى كۈن بولدى ،... بۇ چاتاق چىقتىمۇ ياكى !!!~~

uyghurtekin يازغان ئىنكاس

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، تارىم ئەپەندىم ، قانداق ئەھۋاللىرى ؟ ئەزىز تەنلىرى سالامەتمىدۇ ؟ يىقىندىن بۇيان سەل ئالدىراشمۇ قانداق ؟ مەن تەكلىماكان بلوگىنىڭ ئۆز رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
مەخسەتكە كەلسەم ، يېقىندىن بۇيان مەن بىرئاز ۋاقىت چىقىرىپ بىر ئۇلىنىش ئائىلىسى ياساپ ئىلان قىلغاندىم . ئەمدى بلوگنىڭ ئۇسلۇپ جەھەتتىن بىر قەدەر ياخشى لاھىيلەندى دەپ قارايمەن ۋە خېلى كۆپ بلوگگىرلارمۇ شۇنداق جاۋاپ بەردى . شۇڭا سىلىنىڭمۇ بىر كۆرۈپ ، ساقلانغان مەسىللەرنى كۆرسىتىپ بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن . ھەم سىلىنىڭ قەدەملىرىنىڭ ئۇيغۇرتېكىن بلوگىغىمۇ دەسسەپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ ئادىرسى : http://uyghurtekin.blogbus.com ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى : http://ulnix.blogbus.com , سىلىنڭ ۋاقىتلىرى بولسا كۆرۈپ بېقىشلىرىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەن . ئامان بولغايلا !

阿力木 يازغان ئىنكاس

بىلوەقا ئۇيغۇرچە تونۇتۇشتىن تەلىم بەرگەن بولسىڭىز..

ئارغۇ يازغان ئىنكاس

مۇشۇنداق نەپ بېرىدىغان تېمىلرىڭىز ئۈزۈمىگەي، رەھمەت!

ھەق يول بىلوگى يازغان ئىنكاس

Essalamu eleykum! mining bir sualim bar idi. men blogimgha kumush oq blog uslubini ishletken idim. asasi jehettin manga kereklik yerliri uyghurchilashti. vista yaki uyghurche font qachilaqliq kompiyuterlarda hetliri normal chiqidu. emma uyghurche font yoq kompiyuterlarda bolsa hetler normal emes. shonga qandaq qilsam her qandaq kompiyuterlarda uyghurchini bimalal tunuydighan qilalaymen? eot tin otkuzush deydiken, likin eottin otkuzgendin kiyin eot hojjitini bloggqa qandaq yollaydu? mining blogimni kurup beqing.
www.heqyol.blogspot.com

shatur يازغان ئىنكاس

ئەسسالام مېنىڭ بلوگىمغا قاراپ باققان بولسىڭىز مەن بىر ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ئەمما تۈرلەر دىگەن جاي UKIJ Tuz Tom بولمىدى
يەنى خاتالىقلارنى تۈزىتىپ بولسا سىزنىڭ بلوگىڭىزدا ئاشكارقىلساق.
مەن يەنە بىر ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ئىدىم ئۇنىڭدى مۇ خاتالىقلار بار ئىدى بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز مەن ئۇنى سىزگە يوللاپ بەرسەن
مېنىڭ بلوگىم : shatur.blogspot.com

Hapi يازغان ئىنكاس

hello... hapi blogging... have a nice day! just visiting here....

ئىنكاس يېزىڭ