يېقىندا بەزى دوستلار گېرمانىيەنىڭ zanox ئېلانىنى سىناپ بېقىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن ئىدى. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى قوللاش (ئۆزىنىڭ تىزىملىكىدە Uighurski دەپ باركەن)، دائىرسى كەڭ بولۇش ۋە ئېلان تۈرى كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى باركەن. ئەمما:
ئېلاننى خالىغانچە قويالمايدىكەنمىز، گەرچە چېكىلگەنگە ھەق ھىسابلايدىغان ئېلانى بولسىمۇ، زانوكس شىركىتى بىزنىڭ ھىسابىمىزنى تەستىقلىغاندىن باشقا، بىز ھەر بىر ئېلاننى تور بېكەتتە قويۇشتىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىدىكەنمىز، ئېلان بەرگۈچى تور بېتىمىزنى كۆرگەندىن كېيىن تەستىقلىسا ئاندىن ئېلان قويۇشقا رۇخسەت قىلىدىكەن. تەستىقلىمىسا ئەلى موماغا ئوخشاش بۇ ئېلان ئورنى سېتىلىدۇ دىگەندەك ئېلانلا كۆرۈنىدىكەن. ياۋروپالىق سودىگەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكەتتىكى ئېلان ئورنىنى سېتىۋېلىشى تەسكە توختىشى مۇمكىن.
Adsense بىلەن بولغان پەرقى:
Adsense دا سىز پەقەت بىر قېتىم گۇگولنىڭ تەستىقىدىن ئۆتسىڭىزلا ھەرقانداق ئېلان تور بېكىتڭىزدە كۆرۈنىدۇ. ئېلان كۆرسىتىش ئۈچۈن ھىچقانداق تەستىق ئالمايسىز.
zanox دا سىز زانوكس شىركىتىگە ئۆزىڭىزنى تەستىقلاتقاندىن باشقا يەنە، ھەر بىر ئېلان كودىنى بېكەتكە قىستۇرۇشتىن بۇرۇن شۇ ئېلاننى بەرگۈچىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشىڭىز كېرەككەن.
بېرىدىغان پۇلنىڭ ئاز-كۆپلۈكى:
تەكلىماكان بلوگقا تېخى بىرەر ياۋروپالىق سودىگەر ئېلان قويۇشقا رۇخسەت قىلمىغاچ (مەن ئىلتىماس قىپ قويدۇم، بەلكى ئەتە-ئۆگۈنگىچە بۇ پەرەڭلەر ياقتۇرۇپ قالامدۇ.) قانچىلىك پۇل بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.
ئەمما ياۋرونىڭ قىممىتى ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولغاچقا بۇ بېكەتنىڭ بېرىدىغان پۇلى Google نىڭكىدىن كۆپرەك بولۇشى مۇمكىن.
2009-04-13
تەكلىماكان بلوگقا
帖子评论ئارقىلىق مۇشتەرى بولۇش
1 ئىنكاس:
مەنمۇ بۇ ئىلاننى بىر يىلنىڭ ئالدىدا تەستىقلىتىپ ئالغان . لىكىن ئىلان سودىگەرلىرى تور بېتىمگە نەزىرىنى سېلىپمۇ قويمىدى. بۇلۇپمۇ ھازىرقىدەك ئىقتىسادى كىرىزىس بولغاندا تېخىمۇ قىيىن بۇلۇشى مۇمكىن!
ئىنكاس يېزىڭ